Skip to content

Latest commit

 

History

History
115 lines (68 loc) · 9.42 KB

1.md

File metadata and controls

115 lines (68 loc) · 9.42 KB

يىپەك يولىدىكى HTML ساداسى | 1-قىسىم

HTML دىن دەسلەپكى چۈشەنچە

HTML بولسا WHATWG ئېنىقلىما بەرگەن ئۆلچەملەرنىڭ بىرى. ئىلگىرى W3C ( دۇنيا ئۇچۇر تورى ئىتتىپاقى ) HTML ئۆلچىمىنى قۇرۇشقا مەسئۇل تەشكىلات ئىدى.

WHATWG - Web Hypertext Application Technology Working Group

بۇ تەشكىلات ئەڭ كەڭ تارقالغان تور كۆرگۈچلەرنىڭ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ ئۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن گۇگۇل، موزىللا، ئالما ۋە مىكروسوفت تەرىپىدىن كونترول قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

W3C - The World Wide Web Consortium

دۇنيا ئۇچۇر تورى ئىتتىپاقى

W3C نىڭ XHTML غا قاراپ ئىلگىرىلىشى كىشىلەر تەرىپىدىن ئاقىلانىلىك ئەمەس دەپ قارالغاچقا ،HTML نىڭ «تىزگىنەكى» تەبىئىيلا W3C نىڭ قولىدىن WHATWG نىڭ قولىغا يۆتكەلدى. (گەرچە خېلى ۋاقىتلارغىچە W3C بۇنى ئېتىراپ قىلغىلى ئۇنىمىغان بولسىمۇ)

W3C ۋە WHATWG نىڭ «جوداسى»

ئەگەر سىز ئەزەلدىن XHTML نى ئاڭلاپ باقمىغان بولسىڭىز، بۇ يەردە بىر كىچىك ھېكايە بار. 21 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، بىز ھەممىمىز Web نىڭ كەلگۈسى XML بولىدۇ دەپ قارايتتۇق. شۇڭا، HTML ئەينى ۋاقىتتىكى SGML ئاساسىدىكى ئىجادىيەت تىلىدىن XML بەلگە تىلى بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى. بۇ بىر چوڭ ئۆزگىرىش. لېكىن ئاخىرىدا تور كۆرگۈچ تەمىنلىگۈچىلەر بۇنىڭ بىر توغرا تور يولى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ھازىر بىلىدىغان HTML5 نى بەرپا قىلدى.

W3C بولسا HTML غا بولغان كونتروللۇقىدىن ۋاز كېچىشكە ھەقىقىي قوشۇلمىدى، شۇڭا كۆپ يىللاردىن بۇيان، HTML نىڭ ئۆز ئارا رىقابەتلىشىدىغان ئىككى ئۆلچىمى بار ھالەتتە تۇردى ۋە ھەر بىرى HTML نىڭ ئورگان ئۆلچىمى بولۇشنى ئىستىشىپ خېلى تىركەشتى.

ئاخىرىدا 2019 - يىلى 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، W3C ئورگان تەرەپ ھەقىقىي HTML نۇسخىسىنىڭ WHATWG نىڭ ئېلان قىلغان نۇسخىسى بولىدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. شۇندىن ئېتىبارەن بىز بۇ يەردە تىلغا ئىلىۋاتقان HTML نىڭ تىزگىنىكى ھەقىقىي يوسۇندا WHATWG نىڭ قولىغا ئۆتتى.

HTML5 نىڭ ھېكايىسى

مەن ئۈستىدە HTML5 نى تىلغا ئالدىم، شۇڭا بۇ كىچىك ھېكايىنى بايان ئەتكۈم كەپ قالدى. 1993-يىلى HTML نىڭ بىرىنچى نۇسخىسى بارلىققا كەلدى. ( ئەينى چاغدىكى ئىلتىماس : https://tools.ietf.org/html/rfc1983 ) 1995-يىلى HTML نىڭ ئىككىنچى نۇسخىسى ئېلان قىلىندى. 1997-يىلى 1-ئايدا HTML3 بىلەن يۈز كۆرۈشتۇق، ھەمدە ئارقىدىنلا يەنى 1997-يىلى 12-ئايدا HTML4 مۇ ئېلان قىلىندى.

ئالدىراش ئۆتكەن كۈنلەرتى دە ئۇ، كاساپەت !

20 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، بىز پۈتكۈل XHTML دىن ھالقىپ، ئەڭ ئاخىرىدا HTML5 گە ئىگە بولدۇق، ئەمدى ئۇ پەقەت HTML لا ئەمەس ئىدى.

HTML5 دېگەن بۇ ئاتالغۇ ھازىر بىر يۈرۈش تېخنىكىغا ئېنىقلىما بەردى، ئۇ HTML نى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇن API لارنى ۋە ئۆلچەملەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىدى، مەسىلەن، WebGL، SVG دېگەندەك.

يەنە بىر چۈشىنىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىش شۇكى، HTML نىڭ پالانچى نۇسخىسى دەيدىغان ئۇقۇم ئەمدى كەلمەسكە كەتتى، شۇنداقلا ئۇ بىر ھايات ئۆلچەمگە ئايلاندى. ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر پاتمان مۇستەقىل مودۇللاردىن تەركىب تاپقان ئىقتىدارلار بولۇپ، بىز پەقەت مەلۇم ئىقتىدارنىڭ مەلۇم بىر توركۆرگۈچ موتورى تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان-ئاشۇرۇلمىغانلىقىنى بىلسەكلا كۇپايە.

مانا بۇ بىز 1997-يىلىدىن باشلاپ HTML4 دەپ ئاتاپ كەلگەن HTML5 نىڭ ھېكايىسى ! بۇ ھەقىقەتەن بىر ئۇزاق مۇساپە !

مانا بۇ ھازىرقى HTML نىڭ ھايات ئۆلچىمى : https://html.spec.whatwg.org/multipage

HTML زادى نېمە؟

HTML بىز توربەت يۈزىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تۈزۈشكە ئىشلىتىدىغان بەلگە تىلى.

HTML ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل بىلەن تور كۆرگۈچكە تەمىنلىنىشى مۇمكىن. ئەڭ ئاددىي ئەھۋالدا، بىز پەقەت ئۇنى بىر ھۆججەتكە ساقلىۋېلىپ بىۋاسىتە تور كۆرگۈچتە ئېچىپلا كۆرەلەيمىز. مۇرەككەپرەك ئەھۋاللاردا، مۇلازىمىتېرلار تور ئىلتىماسىغا ئاساسەن HTML نى ھاسىللاپ تور كۆرگۈچلەرگە تەمىنلەپ بېرىشى، ياكى، بىۋاسىتە تور كۆرگۈچلەردە ئىجرا بولىدىغان JavaScript كودى ئارقىلىق HTML نى ھاسىللاپ چىقىشىمىزمۇ مۇمكىن.

بىز بۇ قوللانمىدا ئاساسلىقى بىرىنچى خىل ئۇسۇلنى، يەنى HTML كودىنى بىۋاسىتە ھۆججەتكە ساقلىۋېلىپ، تور كۆرگۈچتە ئىچىش ئارقىلىق مەزمۇننى داۋاملاشتۇرىمىز.

قائىدە بويىچە، HTML ھۆججەتلىرى html. ياكى htm. كېڭەيتىلگەن نامى بىلەن ساقلىنىدۇ. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئىچىدە، بىز «بەلگە» ئارقىلىق مەزمۇننى تەشكىللەيمىز. ئادەتتە HTML بەلگىلىرى مەلۇم تېكىستنى ياكى مەزمۇننى ئوراپ كېلىدۇ ، ۋە شۇنداقلا، ئۆزى ئورىغان شۇ مەزمۇنغا مەلۇم بىر مەنا بىرىدۇ.

تۆۋەندە بىز بىر قانچە مىساللارنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

بۇ HTML كودى <p> دېگەن بەلگە ئارقىلىق بىر «ئابزاس» نى قۇرۇپ چىقىدۇ.

<p> Men bir abzas ! Giping bolsa maga de ! </p>

بۇ HTML كودى بولسا، <ul> بىلەن بىر «تىزىملىك» نى قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە <li> بىلەن بۇ تىزىملىكتىكى ھەربىر ئەزانى ئىپادىلەيدۇ.

<ul>
  <li> birinji eza </li>
  <li> ikkinji eza </li>
  <li> vqinji eza </li>
</ul>

«ئەقىللىك يىشو» لار شۇنى بايقىدىكى، كۆپىنچە بەلگىلەر جۈپ ھالەتتە كېلىدىغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ئۇلار ئەمەلىيەتتە مەلۇم سۆزلەرنىڭ قىسقارتىلمىسى ئىكەنلىكىنى. مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك:

پ - پاراگىراف (ئابزاس) p> - paragraph>

تەرتىپسىز تىزىملىك ul> - unordered list>

تىزىملىك li> - list>

تور كۆرگۈچلەر يۇقىرىقىدەك HTML بەلگىلىرى بىلەن تەمىنلەنگەندە، تور كۆرگۈچلەر ئۇلارنى «تەرجىمە» قىلىدۇ ۋە شۇ ئېلېمېنتلارنىڭ قائىدىلىرىگە ئاساسەن ئۇلارنى ئېكران يۈزىدە كۆرسىتىپ بىرىدۇ. بۇ قائىدىلەرنىڭ بەزىلىرى، مەسىلەن جەدۋەلنىڭ نامايان بولۇش قائىدىسى دېگەندەك، مۇناسىۋەتلىك ئېلېمېنتلارنىڭ ئىچىگە ئورنىتىلغان بولىدۇ، يەنى بەزىلىرى بولسا بىز شۇ ئېلېمېنتلارغا بەرگەن CSS خاسلىقى ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ ، مەسىلەن بىر ئابزاسنىڭ كۆك رەڭدە ياكى سېرىق رەڭدە كۆرسىتىلىشى دېگەندەك. ( CSS بۇ قوللانمىنىڭ دائىرىسىدە ئەمەس ئەلۋەتتە ! )

توركۆرگۈچلەرنىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىغا قىزىقسىڭىز ئارسايبەگنىڭ ئالدىنقى يازمىلىرىغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرسىڭىز بولىدۇ.

خۇلاسە شۇكى، HTML بىر ئىلىمىنتنىڭ تاشقى قىياپىتىنىڭ قانداق نامايان بولۇشىغا كۆرە، بەكرەك شۇ ئىلىمىنتنىڭ «نېمە» ئىكەنلىكىگە ئېنىقلىما بىرىدۇ.

كىيىنكى سانلاردىن ئالدىن مەلۇمات

  • HTML بەت قۇرۇلمىسى
  • بەلگە ۋە ئىلىمىنت
  • ئىلىمىنت خاسلىقلىرى

يازمىدا: ئارسايبەگ